باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى پاكلىنىش بايرىمىدا 80 مىليوندىن ئارتۇق ھىندى دىنى مۇرىتى گانگې دەرياسىدا يۇيۇنۇپ، دەريا تېخىمۇ بۇلغىنىپ كەتتى

2013.02.27 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ھىندى دىنىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى «سۇدا يۇيۇنۇپ پاكلىنىش بايرىمى» ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىلىش بولۇپ، بۇ يىغىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان گانگې دەرياسىدىكى بۇلغىنىش ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھىت ئاسراش خادىملىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇلغىنىش سەۋەپلىك ھىندى دىنىدىكى ئەڭ مۇقەددەس دەريا گانگې دەرياسىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىش خەۋىپى بارلىغىنى ئېيتقان.

  25-فېۋرال، گانگې دەرياسى ۋە يامۇنا دەرياسىنىڭ تۇتاشقان جايىدا، نەچچە مىلىيون مۇرىتنىڭ دەريادىكى مۇقەددەس سۇدا يۇيۇنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر جەمئىيەت ۋە دىنى مۇرىتلارنى ھەرىكەتكە كېلىپ، دەريانىڭ خېمىيەلىك بۇلغىنىشى ۋە تۇرمۇشتىكى پاسكىنا سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلغان. ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ، يۇقىرى ئېقىندىكى خۇرۇم زاۋۇتى قويۇپ بېرىۋاتقان سانائەت پاسكىنا سۈيىنى ئازايتقان بولسىمۇ، ئەمما 80 مىليون مۇرىتنىڭ دەريا بويىدا تۈنەپ، دەريادا يۇيۇنۇشى دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، خەتەرلىك ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان.

  ھىندىستاننىڭ شىمالىي ئۆلكىلىرىدىكى بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «مۇقەددەس سۇدا يۇيۇنۇپ پاكلىنىش بايرىمى» باشلانغان بىرىنچى كۈنى، ئورگانىك بۇلغىنىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان بىئوخىمىيەلىك ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ھەر لېتىردا 7 مىللىگرامدىن ئېشىپ ، ئەڭ تۆۋەن چەكتىن 2 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. (كىشىلەرنىڭ كىر يۇيغاندىن كېيىنكى يۇندىدا كۆپ مىقداردا ئورگانىك ماددىلار بار)، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ بايرام كېيىنكى ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلاشقىچە، بۇ دەريادا يۇيۇنغان ئادەم سانى 100 مىليونغا يېتىدىكەن.

  ھىندىستاندىكى گانگې دەرياسى ۋە يامۇنا دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئىزچىل ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتىدۇ، ئەمما سانائەت بۇلغىنىشى ھىندىستان دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە دىنى مۇراسىم سەۋەپلىك بۇلغىنىش ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ئامالسىز قويماقتا. گانگې دەرياسى كېسىپ ئۆتكەن ۋالاناسى قاتارلىق بۆلەكلىرى، دەريا ۋادىسى ھىندى دىنى مۇرىتىلىرىنىڭ يۇيۇنۇش ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانى بولغانلىقتىن، بۇ رايوندا مىكروب ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

  ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن بۇلغانمىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ دەريا سۈيى بۇلغىنىشىنى تۈزەش سۈرئىتىدىن تېز بولۇشىغا قارىتا، ھىندىستان مەركىزىي بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىمۇ 1986-يىلىدىن باشلانغان «گانگې دەرياسى ھەرىكىتى پىلانى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇلغىنىشنى تۈزەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانىنىڭ ياخشى ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: نېپالدىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرى مۇقەددەس سۇدا يۇيۇنۇپ، ئىخلاس بىلەن تەڭرىگە ئىلتىجا قىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە