- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاۋىس كۇبا رەھبىرى رائول كاستىرونىڭ داۋاملىق ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى
2013.02.27 14:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە: ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنت چاۋىس كۇبا رەھبىرى رائول كاستىروغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ ، ئۇنىڭ 24-فېۋرال كۇبا دۆلەت كوممۇسارىياتىنىڭ رەئىسلىككە يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.
چاۋىس رائول كاستىرونى باتۇر ھەربىي دەپ ئاتىغان، ھەمدە كاستىرونىڭ يېڭىدىن ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا: راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ۋېنسۇئىللا رەھبىرى چاۋىس بۇندىن ئىلگىرى كۇبادا ئىككى ئاي داۋالانغان، 18-فېۋرال ۋېنسۇئىللاغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە