- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگودا ياشانغانلارنىڭ سانى 194 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %14.3 ىنى ئىگىلىدى
2013.02.28 13:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈم ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب — ‹‹جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلات (2013) ›› 27-فېۋرال بېيجىڭغا ئېلان قىلىندى . كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ، مەملىكىتىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ سانى 194 مىليونغا يېتىپ ، بۇلتۇرقىدىن 8 مىليون 910 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %14.3 ىنى ئىگىلىگەن .
مەملىكەتلىك ياشانغانلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، جۇڭگو ياشانغانلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۈشاۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە تۇغۇلغانلار ھازىر ياشانغانلار دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ ، نۆۋەتتە تۇنجى قېتىم ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى يۇقىرى دولقۇنىغا قەدەم قويدى. 2013-يىلى ، ياشانغانلار نوپۇسى 200 مىليونغا يېتىپ ، قېرىلىشىش نىسبىتى %14.8 كە يېتىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكىتىمىزدىكى ئەمگەك يېشىدىكىلەرنىڭ نوپۇسىمۇ ئېشىشقا باشلىغان . بېقىشقا تايىنىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %23.96 دىن 2013-يىلىدىكى %24.36 كە كۆپەيگەن . بېقىشقا تايىنىدىغان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %20.66 دىن 2013-يىلىدىكى %21.58 گە كۆپەيگەن . جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي بېقىشقا تايىنىدىغان نوپۇس 2012-يىلىدىكى %44.62 دىن 2013-يىلىدىكى %45.94 كە كۆپەيگەن .
كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2012-يىلى جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىيات تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولۇپ ، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا ‹‹نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىنى ئاكتىپ تىزگىنلەپ ، ياشانغانلار مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ›› ئىستراتېگىيەسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنىدا ‹‹نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىنى ئاكتىپ تىزگىنلەش ›› قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، جۇڭگو ياشانغانلار تەتقىقات مەركىزى تارقاتقان بۇ كۆك تاشلىق كىتابتا 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقىلغان بولۇپ ، ياشانغانلار سىياسىتى، ياشانغانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى بىلەن داۋالىنىش كاپالىتى ، ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ قانۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشانغانلار مۇلازىمىتى ، ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ، ياشانغانلار مەدەنىيىتى ، ياشانغانلار توپىنى ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە