باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان خىزمەتچى خادىملارنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2013.02.27 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: چاۋشيەن 25- فېۋرال 3-قېتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا تارمىقىدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى. ئىشچىلار، قۇرۇشچى ھەربىيلەر ۋە كادىرلارنى تەقدىرلەپ، ئۇلارغا مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يېڭنام ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بۇيرۇقىنى ئۇقۇپ ئۆتتى. بۇيرۇققا ئاساسەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان خىزمەتچى خادىملارغا جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى دېگەن نام ۋە ئالتۇن مېدالى ھەمدە 1-دەرىجىلىك دۆلەت بايرىقى مېدالى، كىم ئېرسىن مېدالى ۋە كىم جۇڭئېن مېدالى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە