- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ليۇ يەندوڭ پاك گۇنخېنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى
2013.02.26 15:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندوڭ 25-فېۋرال سىئۇلدا كورىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پاك گۇنخې بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ليۇ يەندوڭ خۇ جىنتاۋنىڭ پاك گۇنخېغا يوللىغان ئېغزاكى خېتى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خېتىنى يەتكۈزدى. خۇ جىنتاۋ بىلەن شى جىنپىڭ پاك گۇنخېنىڭ كورىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشتە يەنە رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە