باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گىرمانىيىدە ساختا تۇخۇم سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى

2013.02.26 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئات گۆشى سەتچىلىكى، بېلىق گۆشى سەتچىلىكى بېسىقماي تۇرۇپلا، گىرمانىيىدە يەنە ساختا تۇخۇم سەتچىلىكىگە ئالاقىدار خەۋەر كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدى. گىرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسون، شىمالىي رىيىن ۋە مەكلېنبۇرگ شىتاتلىرىدا تەپتىش ئورگانلىرى 200چە توخۇ فېرمىسىنى تەكشۈردى. بۇ فېرمىلار ساختا مالنى ياخشىسى ئورنىدا ساتقان، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۇخۇمنى «ئورگانىك تۇخۇم» دېگەن بەلگە بىلەن ساتقان، دەپ گۇمان قىلىنغان.

  بۇ تەكشۈرۈش 2011-يىلدىلا باشلانغان بولۇپ، تاراتقۇلاردىن خۇپيانە ئېلىپ بېرىلغان. گىرمانىيە تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە