- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشقا قوشۇلدى
2013.02.26 15:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون،دىپلوماتىيە ۋەزىرى خاگيۇ 25-فېۋرال لوندوندا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بولۇۋاتقان خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، سۇرىيە كىرزىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق ئىشلاردا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.
خاگيۇ كىررى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىررى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندىن كېيىن تۈنجى قېتىم ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى، ئۇ يەنە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە