باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلات ئارگىنالى قاراپ چىقىلدى

2013.02.27 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنىدا 26-فېۋرال 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلات ئارگىنالى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دوكلات ئارگىنالىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئۇسلۇبى ئاددىي بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم ھەم يارقىن نۇقتىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ، بىز بۇنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلىمىز. قاراپ چىقىشتا، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار ئۆتكەن بەش يىلدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، چوڭقۇر تەسىر قىلغان مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش-خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسى قىلىنغان؛ 2-پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنىڭ يۈكسەكلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر چىڭ تۇتۇلغان؛ 3-خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئىشلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە