باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ھەربىيلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2013.02.26 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندونېزىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 21 – فېۋرال ئېيتىشىچە، سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسىدىكى ئىككى كەنتتە ھەربىيلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا بەش ئەسكەر قازا قىلغان، ئىككى پۇقرا ئېغىر يارىلانغان.

  ھىندونېزىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى شىدوپ: سالاھىيىتى نامەلۇم بىر نەچچە قوراللىق كىشى شۇ جاي ۋاقتى 21 – فېۋرال ئەتىگەن سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەنجىنامبۇت كەنتىدىكى قاراۋۇلخانا بىلەن ھىندونېزىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سىناك كەنتىدىكى چارلاش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلدى. قوراللىق ئۇنسۇرلار قېچىپ كەتتى، ھىندونېزىيە ھەربىي – ساقچىلىرى ھازىر قاتىللارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

  ھازىرچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىدى.

  ھىندونېزىيە ئۇزاقتىن بۇيان رايون بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. 2005 – يىلى ‹‹ئەركىن ئاتسېخ ھەرىكىتى›› تەشكىلاتى بىلەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان، ھازىر، شەرقتىكى ‹‹ئەركىن پاپۇئا ھەرىكىتى›› تەشكىلاتى ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە