باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2013.02.22 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 2013-يىللىق 25 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرىدۇ ، 2 مىليون 160 مىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە تولۇقلىمىسى ئۆستۈرۈلىدۇ .

  ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشى شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى ، شەھەر-يېزا داۋالىنىش قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسى ، شەھەر-بازارلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى « راۋان كارتا» نى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليون 160 مىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت قۇتقۇزۇش ئۆلچىمىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ كۆپەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە «يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى»دىن بەھرىمان قىلىپ ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر-بازار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنىڭ %95 تىن يۇقىرى بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى موجۈەن مۇنداق دېدى: « بىز ھازىر مەبلەغنى تەڭشەۋاتىمىز ، كۆپەيتىلىدىغان پۇلنىڭ ئاز-كۆپلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرىمىز.»

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 900 مىليون مەبلەغ ئاجىرىتىپ ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە