باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا ئىئانە قىلىش سېستىمىسى بارلىق ئۆلكىلەرنى قاپلايدۇ

2013.02.26 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ئەزا ئىئانە قىلىش خىزمىتى سىناق قىلىشتىن پۈتۈن مەملىكەتكىچە كېڭەيتىلىدۇ، ئەزا ئىئانە قىلىش ئۇچۇرى سېستىمىسى يىل ئىچىدە ئەزانى ئىئانە قىلغۇچى بىلەن بىمارنى ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ۋاقتىدا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئېلىمىزدە نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئەزا يۆتكەش ۋە ئىئانە قىلىش سېستىمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى. مۇشۇ ئايدىن باشلاپ ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى ئىئانە قىلىش ئىلگىركى سىناق قىلىنغان 19 ئۆلكە، رايوندىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، رايونلارغىچە كېڭەيتىلىدۇ، نۆۋەتتە 164 نوپۇزلۇق ۋە ئىقتىدارلىق دوختۇرخانا ئەزا ئىئانە قىلىش ۋە يۆتكەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

  مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىمىزدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئەزا ئىئانە قىلىش يۆتكەش سېستىمىسى يوق ئىدى، ئەزا ئىئانە قىلغۇچى ۋە ئىئانىگە ئېرىشكۈچىنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان. ئىئانىگە ئېرىشىش تەقسىمات تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، باشقۇرۇش جەھەتتىكى نىسبىي قالاق ھالەت تەلەپ بىلەن ئىھتىياج زىددىيىتىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىدى. 2010-يىلى مارتتىن باشلاپ ئېلىمىز ئەزا ئىئانە قىلىش سىنىقىنى يولغا قويدى، ئۈچ يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق بۇ يىل 22-فېۋرال، 659 ئادەم بەدىنى، 1804 ئەزا ئىئانە قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ ۋە خۇنەن ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلغان ئۆلكىلەر.

  ئۈرۈمچىدە 140 نەپەر پىدائىي مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە