باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› باشلاندى

2013.02.26 15:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ‹‹ باھار شامىلى ھەرىكىتى ›› نى باشلاش مۇراسىمى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى نەق مەيداندا ئىشقا قوبۇل قىلىش يىغىنى 25-فېۋرال تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى ››نى باشلاش مۇراسىمى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى نەق مەيداندا ئىشقا قوبۇل قىلىش يىغىنى 25-فېۋرال تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلدى . 160 كارخانا جەمئىي 15 مىڭ ئىش ئورنى (ئىش تۈرى) بىلەن تەمىنلىدى .

  ئىگىلىنىشىچە ، پۈتۈن ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› مەزگىلىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ، سانجى ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ، تۇرپان شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار 245 كارخانىنى 170 ئىش تۈرى ، 15 مىڭ ئىش ئورنىغا، تاللاپ بېكىتكەن شەھەر ، يېزا ، كەنتلەردىن ئىشقا قوبۇل قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئورتاق تەشكىللەيدىكەن . ئاپتونوم رايوندا ھەر تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىدىن 400 مەيدان (قېتىم)دىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغان .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماۋكېن سېيىتقامزا مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تيەن ۋېن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە