باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ش ئۇ ئا ر دا 2000 تەكشى باھالىق كۆكتات دۇكىنى ئېچىلدى

2013.02.22 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھەممەد نىياز خەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان تەكسە باھالىق دۇكانلارنى ئېچىشنى قارار قىلغانىدى. نەتىجىدە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇنداق دۇكاندىن 2000ى ئېچىلدى.

  جايلار تەكسە باھالىق دۇكانلارنىڭ ئورنىنى شەھەر رايونىدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر نىسبەتەن مەركەزلەشكەن رايونلاردا تەسىس قىلدى. تەكسە باھالىق دۇكانلاردىكى ماللارنىڭ تۈرلىرىنى مۇندەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەكسە باھالىق دۇكانلارنىڭ تىجارەت تۈرى، تۈر مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم باھانى پەسىلگە قاراپ مۇۋاپىق تەڭشىدى. مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تۈرىنىڭ ئادەتتە 30 خىلدىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۆكتات ئاساس قىلىندى، تەكسە باھالىق دۇكانلارنىڭ مال باھاسىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

  ئاپتونوم رايون تەكسە باھالىق دۇكانلارنىڭ تىجارەت چىقىمىنى ئازايتىپ، تىجارەت ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەكسە باھالىق دۇكانلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ دۇكانلاردىكى كۆكتاتلارنىڭ باھاسى پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ جايدىكى ئوتتۇرىچە بازار باھاسىدىن %15 تىن كۆپرەك، ئاشلىق، گۆش، ياغ، تۇخۇم ۋە باشقا تۈردىكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ جايدىكى ئوتتۇرىچە بازار باھاسىدىن %5 تىن كۆپرەك تۆۋەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە