- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەققى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ
2013.02.21 17:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۈگۈن ئېلان قىلغان «ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى ئاساسي قاتلامدا يۈرۈشتۈرۈشنىڭ يېڭى مېخانىزمى توغرىسدىكى پىكىر»دە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەققى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ ھەقنىڭ 10 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى، ئەسلىدىكى نومۇر ئېلىش ھەققى، دىياگنوز قويۇپ تەكشۈرۈش ھەققى، ئوكۇل سېلىش ھەققى (ئاسما ئوكۇل ئۇرۇش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دورا پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ۋە دورا مۇلازىمىتى تەننەرخى ئورنىغا دەسسىتىلىدىغانلىقى، داۋالاش سۇغۇرتىسىدا نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلىندىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ( لى خۇڭمېي خەۋىرى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە