باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭدا 100 نەپەر مەدەنىيەت-سەنئەت تالانتلىقلىرى نىشانلىق تەربىيەلىنىدۇ

2013.02.20 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 19-فېۋرال چۈشتىن كېيىن چاقىرىلغان 2013-يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تالانتلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تالانتلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن، 2013-يىلى بۇ ھەر مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى 18 مەكتەپكە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 14 ى سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئومۇمەن رەسمىي قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن نىشانلىق تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشى كېرەككەن، سەنئەت تۈرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر يىللىق 15 مىڭ يۈەن، غەيرىي سەنئەت تۈرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر يىللىق 14 مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلىنى ۋە ياتاق پۇلىنى دۆلەت مالىيەسى چىقىرىدىكەن. بەش يىللىق مۇددەتتىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تالانتلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى 2010-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بېرى، نىشانلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 378 گە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە