- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ۋەزىپىلەر جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
2013.02.17 16:42 مەنبە: خەلق تورى
11-ئايدىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىنىدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 16-فېۋرال جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەر، ئىش تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا ئالاقىدار تارماقلاردىن كونكرېت يولغا قويۇش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 5 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تىزىمغا ئېلىش ۋە گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، دېھقان ئائىلىلىرى ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ كۆلىمى توغرا، پاسىلى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تىزىمغا ئېلىش ۋە گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنى ئىمكانقەدەر تېز تاماملاش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا بۇ خىزمەتنى دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، ئورمانچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە