باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ كانادالىق مېھمان بىلەن كۆرۈشتى

2013.02.20 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە كانادا بومباردېر شىركىتىنىڭ لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىئودويىن بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كانادا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى، ئورتاق مەنپەئەتى بارغانسېرى كېڭەيدى، چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىدا بۆسۈش ھاسىل بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختا بولۇپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كەسىپتە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، كانادانىڭ ياسىمىچىلىق، يۇقىرى پەن تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىي تاپقان، ئۇنىڭدىكى زور ھەمكارلىق سودا پۇرسىتىنى ھەرقانداق بىر نەزەر دائىرىسى بار كارخانىچى كۆرەلەيدۇ ھەمدە قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. جۇڭگو كانادا بىلەن بىرلىكتە باراۋەر رىقابەتلىشىش، تېخىمۇ قولايلىق مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى سودا پىرىنسىپى بويىچە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىشىشقا ئىلھام بېرىپ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، 3- تەرەپ بازىرىنى بىرلىكتە ئېچىشنى خالايدۇ.

  بىئودويىن جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياساش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە