باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭدا ‹‹ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدۇ

2013.02.21 16:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى ، ئۈرۈمچى ، 14-يانۋار خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ 14-يانۋار ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قولدا ئاممىغا ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدەنىيەت ئىشلىرى ، يەنە بىر قولدا تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ ، ئۇنى ئاساسىي قاتلامغا ، ئاممىغا يۈزلەندۈرىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىنىپ ، شىنجاڭنى مەدەنىيەتتە باي چوڭ رايونىدىن مەدەنىيەتتە تەرەققىي چوڭ رايونغا ئايلاندۇرۇش قەدىمى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن .

  مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل شىنجاڭدا ‹‹ئاپتونوم رايون ، ۋىلايەت ، ناھىيە ، يېزا›› قاتارلىق بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت–ئوبلاستنىڭ يېزا مەدەنىيەت ئۆيلىرى ۋە مەھەللە مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تاماملاش ئاساسىدا ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 32 مۇھىم نۇقتىلىق ناھىيە-شەھەرلەردىكى ۋە چېگرالاردىكى ناھىيە-شەھەرلەردىكى يېزا مەدەنىيەت ئۆيلىرى ، مەھەللە مەدەنىيەت مەركەزلىرى پىلان قۇرۇلۇشلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن . ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت مەركىزى ، شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئائىلىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نامايەندە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇلىدىكەن ، شىنجاڭ تەرجىمە (فىلىم) مەركىزى ، شىنجاڭ خەلقئارا تارقىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچا رايونىنىڭ تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدىكەن .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ‹‹ شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى ››، دېھقانلار ئائىلە كىتابخانىسى قۇرۇلۇشى ، رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە يېزا-كەنتلەرگە ، ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش ، يېزا-كەنتلەردە كىنو قويۇش قاتارلىق مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن . چاتما رەسىملىك كىتابچىلارنى كەنتلەرگە ، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش ، ‹‹مىڭلىغان يېزا-كەنت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى ››، ‹‹ شىنجاڭنىڭ مىللىيچە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مىللىيچە-خەنزۇچە ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى ›› قاتارلىقلار زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن . ‹‹ شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى ›› نى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ ، قازاقچە ، موڭغۇلچە ۋە قىرغىزچە نۇسخىلىرىمۇ كۆپەيتىلىپ ، تارقىتىلىش مىقدارى 180 مىڭ نۇسخىدىن ئاشۇرۇلۇپ ، قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكەن ، ‹‹ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىكەن .

  ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى ‹‹يىپەك يولى تېز خەۋىرى›› ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە