باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىلورۇسىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: جۇڭگو ئىككىنچى چوڭ مۇھىم ھەربىي ئىشلار شېرىكىمىز

2013.02.21 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بىلورۇسىيەنىڭ دۆلەت موداپىيە مىنىستىرى يۇرى زادوبىن يېقىندا: جۇڭگو بىلورۇسىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە رۇسىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ مۇھىم شېرىكى دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىمىز رۇسىيە، ئەمەلىي ئىشلار جەھەتتە بىز بىرلىككە كەلگەن مۇداپىئە بوشلۇقى بەرپا قىلدۇق، بىزنىڭ رايون ئارمىيىمىز، بىرلىككە كەلگەن ھاۋا موداپىيە سىستېمىمىز بار، بۇ سىستېما جەھەتتە ھەل قىلىنمىغان مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككىنچى مۇھىم شېرىكىمىز بولسا، مېنىڭچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، سەۋەبى ئىككى دۆلەت يېقىندا نەچچە يىللىق ھەربىي ئىشلار ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى تەرەپلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، بۇ خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە