- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئىنكار قىلدى
2013.02.20 16:40 مەنبە: خەلق تورى
شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلاردا نۇقتىلىق سىناق قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشكە ئىمكان يوق.
«ئاۋۋال دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش، ئاندىن ھەق ئېلىش ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش» 2013-يىلى يەنە بىر قېتىم سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى. «ئاۋۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش»نى زادى قاچان ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە سەھىيە مىنىستىرلىقى تىببىي سىياسەت مەھكىمىسى داۋالاشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جياۋ ياخۇي 19-چېسلا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق بىر ۋاقىت جەدۋىلى بىرىش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى، بۇ يىل ئىچىدە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: سەھىيە مىنىستىرلىقى شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلاردا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمما «ئاۋۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش»نى قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشكە ئىمكانىيەت يوق، سەھىيە مىنىستىرلىقىمۇ ھېچقاچان «ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە