- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كىررىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولىدۇ
2013.02.21 15:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 19-فېۋرال: يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كىررىي ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توققۇز دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ دەپ جاكارلىدى.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نيۇۋلاند بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: كىررىي 24-فېۋرالدىن 6-مارتقىچە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 1-فېۋرال ھىلارى كېلىنتوننىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە