باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش مىقدارى 7 ھەسسىدىن ئاشتى(1)

2013.02.20 17:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرىچاغان مەزگىلىدە، غەربىي شىمال بويىچە تىرانسپورت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك تاش يول ئېغىزى بولغان قورغاس ئېغىزىدا، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ماشىنىلار ئۈزۈلمىدى. 7 كۈن ئىچىدە، چېگرىدىن چىقىدىغان 566 يۈك ساندۇقى تەكشۈرۈلدى، تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزىدىن 14 مىڭ 700 توننا يۈك ئۆتتى. قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جەلپ قىلىنغان مەبلەغ 7 ھەسسىدىن ئاشتى، نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ %81 شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى كارخانىلاردىن كەلدى.

  ئېلىمىزدىكى ئەڭ ياش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ بىرى بولغان قورغاس جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا ئېچىۋېتىش يېڭى كارىدورىنى ياراتماقتا.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لۇ مىن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا، رايون تەرەققىياتىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئېچىۋېتىش يۈكسەكلىكىنى يېتىشتۈرۈپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى، چېگرا رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى ئۈستۈنلۈكلىرىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرا قويۇلدى. قورغاس دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۇرماقتا.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە