باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتى كاپىتالنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بولدى

2013.02.16 11:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

  2013-يىلى مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەرلەردە سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلاردا كارخانىلاشقان ئىگىلىككە ماس كېلىدىغان باقمىچىلىق ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىشىگە رىغبەت بېرىش ۋە يېتەكلەش لازىم. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كىرىشى جەمئىيەتتىكى كۈچلەردىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك مەبلىغى، پەن تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە، ئىلغار ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈشكە، ئەنئەنىۋىي يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دەسلەپكى مەلۇماتىغا قارىغاندا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ئائىلىلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان تېرىلغۇ يەر ئوبوروت كۆلىمى 270 مىليون موغا يېتىپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %21.5نى تەشكىل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە سودا سانائەت كارخانىلىرىغا كىرگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىليون مو بولۇپ، 2009-يىلدىكىدىن %115 ئېشىپ، ئوبوروت قىلىنغان ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %10.3نى تەشكىل قىلغان.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا شەھەر سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزىلارغا كىرىشىگە باشلامچىلىق قىلىپ، شىركەت بىلەن دېھقانلار بىرلەشكەن كەسپىي ھەمكارلىك كوپراتىپى ۋە زاكاز قىلىش يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، باقمىچىلىق كەسپىگە ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن مۇلازىمەت قىلىش، ئەسلىھە يېزا ئىگىلىكى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ۋە بايلىق ئېچىش قاتارلىق كارخانىلاشقان ئىگىلىككە ماس كېلىدىغان كەسىپلەر نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دېھقانلار كەسىپلەشكەن ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ، كارخانا ۋە دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ قويۇق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مېخانىزمى ئورنىتىشقا ئىلھام بېرىلىپ، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش، پايدىكى دارامەتنى تەقسىم قىلىش، پايدىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېھقانلار پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشتىن قىلىنغان كىرىمدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە