باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بروفىننى ئىستېمال قىلىپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى

2013.02.20 17:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2003-يىلى، ئامېرىكىلىق 7 ياشلىق قىز بالا-جونسون دورا شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات نامى موترىن يەنى بالىلار بروفىنىنى (美林布洛芬) ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئېغىر ئەكس تەسىر قىلغان، ئاخىرىدا ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، جونسون شىركىتىدىن بۇ ئائىلىگە 63 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 18-فېۋرال دۆلەتلىك دورا يېمەكلىك نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى، ھازىرچە ئېلىمىزدە بروفىننى ئىستېمال قىلىپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىش ئەھۋالى توغرىسدىكى دوكلات يوق، دېدى.

  بروفىن غەيرى سېتروئىد جىسىملىق ياللۇغقا قارشى دورا، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىرى كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازىنى ئېچىشىش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش، ترانسئامىنازا ئېشىپ كېتىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، تاشما قاتارلىقلار بولۇپ، دورىنى ئادەتتىكى مىقدار بويىچە ئىستېمال قىلغاندا، ئەكىس تەسىرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. بروفىن بىلەن ئاتسېتامىنوفېن دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتى شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشىكىلاتى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ تىپىك قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى. 18-فېۋال شاڭخەي جونسون دورا شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا جونسون شىركىتى بالىلار بروفىن مەھسۇلاتىنىڭ ئىزاھاتىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ مۇۋاپىقلىقىغا ئىشىنىدۇ، تاراتقۇلار خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان كېىسىمگە قوشۇلمايدۇ، ھەمدە بۇ دېلودا دېيىلگە ھەقىقەتنىڭ بۇ كېسىمگە سەۋەب بولالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئامېرىكا جونسون دورا شىركىتى قانۇنىي يول ئارقىلىق، زۆرۈر بولغاندا قايتا سوت ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، مەزكۇر كېسىمگە نارازىلىق ئەرزى سۇنىدۇ، دېدى.

  شاڭخەي جونسون شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە تەشۋىقات باش نازارەتچىسى لۈ جىڭ «ئىقىتساد پايدىلىنىش گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بۇ دېلودىكى بالىدا كۆرۈلگەن ئالامەتلەر ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ كېسەل بولۇشىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا، نەچچە يۈز مىليون بىمار بالىلار بروفىننى ئىستېمال قىلغان، بۇنىڭدىن ئىزاھات بويىچە ئىستېمال قىلىسا بىخەتەر بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۈنۈملۈك ھالدا ئاغرىق توختىتىپ قىزىتما ياندۇرىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بالىلار بروفونىدىكى ئىزاھاتتا، بروفىننى ئىستېمال قىلغاندا ئېغىر ئەكس تەسىر قىلىشى مۇمكىنچىلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن. رېتسىپسىز دورا بروفىننىڭ ئىزاھاتىنى ئامېرىكا يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەستىقلىغان.

  لۈ جىڭ مۇنداق دېدى: موترىن يەنى بالىلار بروفونى جونسون شىركىتىنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتى، بۇ دورا دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو بازىرىغا كىرگىلى 12 يىل بولدى، ئامېرىدا يۈز بەرگەن بۇ خىل ھادىسە جۇڭگودا كۆرۈلمىدى. دۆلەتلىك يەمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن قاتتىق كلىنكىلىق سىناق قىلىنغان، بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىشىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ھەر قانداق دورىنىڭ ئەكس تەسىرى بولىدۇ، چوقۇم دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى ياكى ئىزاھات بويىچە ئىستېمال قىلىش زۆرۈر، مىقداردىن ئاشۇرۇپ ياكى قېتىم سانىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ بروفىننى بالىلار ئىستېمال قىلغاندا يېشى ۋە ئېغىرلىقى بويىچە ئىستېمال قىلىشى، ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ دېئاگونور ئېنىق قويۇلمىغان بالىلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىستېمال قىلىشى شەرت

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە