- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


100سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى تېز ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ
2013.02.21 15:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى 18 – فېۋرال ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قۇش زۇكىمىنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئەمما قىش، ئەتىياز پەسلىدە قۇش زۇكىمىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار، ئۆي قۇشلىرى (بولۇپمۇ كېسەل بولۇپ ئۆلگەن قۇشلار) بىلەن دائىم بىللە بولىدىغان كىشىلەر (قۇش باقىدىغان، ساتىدىغان، پىششىقلايدىغان، بوغۇزلايدىغان، ئۆلتۈرىدىغان، يۇقۇم بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلار)، ئاغرىق بىلەن كۆپ ئۇچراشقانلار شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر مىنۇتتىلا ئاكتىپسىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ قۇرغاق، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، سىماب، خىلور قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇڭا قۇش گۆشى ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، چوقۇم تولۇق پىشۇرۇپ يېيىش، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ساقلاشتا پىششىق يېمەكلىكلەر بىلەن خام يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛ قۇشلار، بولۇپمۇ يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن قۇشلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون مىنۇت دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھاۋا ئالمىشىشى ياخشى بولمىغان سورۇنلارغا ئاز بېرىش كېرەك.
شىن شيۇمېي مۇنداق دېدى: ئەگەر كىشىلەرنىڭ قىزىش ۋە نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغىنى بايقالسا، ماسكا تاقاپ، دەرھال داۋالىنىشى ھەم كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سىرتقا چىققان – چىقمىغانلىقى ياكى قۇشلار بىلەن ئۇچراشقان – ئۇچراشمىغانلىقىنى دوختۇرلارغا ئېيتىشى كېرەك. كېسەللىككە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىپ دورا ئىچىش، كۆپرەك دەم ئېلىش، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە