باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامېرون ئەنگىلىيە ئارمىيەسى قىرغىن قىلغان ھىندىستان پۇقرالىرىنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

كامېرون: بۇ نومۇسنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش كېرەك

2013.02.21 17:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كامېرون (ئوتتۇرىدا) ئامرىتسار ئالتۇن بۇتخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا
  ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 20-فېۋرال ‹‹مۇقەددەس شەھەر›› ئامرىتساردا 1919-يىلى ئەنگىلىيە ئارمىيەسى قىرغىن قىلغان ھىندىستان پۇقرالىرىنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، بۇ قانلىق ۋەقەدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ بۇ ‹‹نومۇس›› نى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

  ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامېرون سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازغان: ‹‹بۇ ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئىنتايىن نومۇسلۇق بىر قىلمىش. چىرچىل ئىلگىرى ئۇنى ‹‹ۋەھشىيلىك›› (ھايۋانلارچە قىلىق) دېگەن. بىز بۇ جايدا يۈز بەرگەن ئىشنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز››. كامېرون يەنە مۇنداق دېگەن: ئەنگىلىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دېيىلىشىچە، بۇ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىمۇ بۇ جاينى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، بۇ قانلىق ۋەقەدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

  1919-يىلى 13-ئاپرېل، ئەنگىلىيە مۇستەملىكە ئارمىيەسى ئامرىتساردا قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق نەچچە ئون مىڭ ئاممىنى ئوققا تۇتقان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىن ئېلان قىلىشىچە، نەق مەيداندا 379 ئادەم ئۆلگەن، 1200 ئادەم يارىلانغان. بىراق ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 1000 ئادەم قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان. مانا بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ‹‹ئامرىتسار قانلىق ۋەقەسى›› دۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە