باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

2013.02.25 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 23-فېۋرال يىغىن ئىچىپ، بۇ يىل 26-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يۇقىرى قاتلاملىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسغا ماسلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياسىشى مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇنى ئالدى بىلەن چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ئاساسەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىي تۈزۈلمىنى ئورنىتىش نىشانى بويىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياسىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال ماسلىشىپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پىشىپ يېتىلگەنلىرىنى ئالدى بىلەن يولغا قويۇپ، فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، ھوقۇقنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئورگان ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلارنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى تېزلىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى كۆرسەتكەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرى خادىملىرى نامزاتى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى كۆرسەتكەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى نامزاتى مۇزاكىرە قىلىندى.يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئوتتۇرغا قويغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ نۇسخىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا يۇقارقى ئىككى مەزمۇننى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى قىلىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئىلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغان بەش يىل بولدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، قىيىنچىلىققا تىز پۈكمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر ھۇجۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى ۋە 11-بەش يىللىق پىلاننى تولۇق ئورۇنلاپ، 12-بەش يىللىق پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشنى ساقلاپ، ئىلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى ھەم سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. 12- بەش يىللىق پىلان يولغا قويۇلىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلايدىغان مۇھىم بىر يىل. ئىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتتە تۇرماقتا. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ناھايىتى كۆپلىگەن پايدىلىق شەرتلەرنى ۋە ئىجابىي ئامىللارنى ھازىرلىدى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپلىگەن خېيىم-خەتەرلەر ۋە خىرىسلارغا يولۇقماقتا. بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىسى ۋە ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسى تېما ۋە ئاساسى لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىم بولۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشىمىز، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز كېرەك.

  يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە