باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پانۇس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

2013.02.25 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان پانۇس بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 23-فېۋرال كەچتە خەلق سارىيىدا 2013-يىللىق پانۇس بايرىمى بىرلەشمە كۆڭۈل ئىچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لې كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جىڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلې قاتارلىقلار ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەربابلار، پايتەختتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق ئاساسىي قاتلام كادىر ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، بايرامنى تەبرىكلىدى.سائەت 19 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا كىرىپ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ھال ئەھۋال سوراشتى.

  بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ۋە ھەر قايسى كەسىپلەردىكى يولداشلارغا بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بەخت تىلىدى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئىلىمىزنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ خەرىتىسى بېكىتىلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەزىلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ ئۇلۇغ ئىشلارغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ زور بىر تۈركۈم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشكە، نەزەرىيە، ئاخبارات، ئەدەبىيات سەنئەت، نەشرىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

  بىرلەشمە كۆڭۈل ئىچىش كېچىلىكى ئېسىل نومۇرلار بىلەن باشلاندى، دېھقان ئىشلەمچىلەر دېكلاماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.كېچىلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە يۈەنشياۋ يەپ، دوستانە پاراڭلىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىغا بىرلىكتە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى رەھبىرى يولداشلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئىچىش كېچىلىكىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە