باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋاڭ چىشەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق تېكستى بىلەن تارقاتتى

2013.02.26 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال يولداش ۋاڭ چىشەننىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا بەرگەن «پارتىيە 18 قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق تېكىستى بىلەن تارقاتتى.

  دوكلاتتا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. دوكلاتتا پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ نوپۇزىنى ۋە كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىنى قەتئىي تۈزەش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە چىڭ تۇرۇپ، 2013-يىللىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە