باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرايلى

2013.02.25 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسى 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە 4-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئېلىپ باردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىميەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە