باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2013.02.26 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-سانلىق يىغىنى 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ماقۇللانغان قارالمىلارغا ئاساسەن، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ ۋەنبىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۇنجى قېتىم شەھەر بىلەن يېزالاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەڭ نىسبەتتە سايلاپ چىقىلدى، ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سايلام خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ باردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يېڭىدىن سايلانغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ جىندوڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. سايلام قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر، شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قاتارلىق 35 سايلام ئورنىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2987 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلغان ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 35 سايلام ئورنىدىكى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، 2987 ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى پۈتۈنلەي كۈچكە ئىگە دەپ ھېسابلاندى، ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتىشى ۋە ئېلان قىلىشغا سۇنۇلدى. يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە