- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رائول كاستىرو كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلاندى
2013.02.26 15:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىدا 24-فېۋرال رائول كاستىرو دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلاندى. ئۇ شۇ كۈنىدىن باشلاپ 2-نۆۋەتلىك شۇنداقلا ئاخىرقى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلىدى.
رائول كاستىرو قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېنىڭ سايلىنىشىم كۇبادا كاپىتالىزمنى يولغا قويۇش، ئىنقىلابدىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سوتسىيالىزمىنى قوغداش، ساقلاش، ۋە داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن.
كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى فىدىل كاستىرو شۇ كۈندىكى قۇرۇلتايغا ۋە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى. 2006-يىلى، فىدىل كاستىرو ئاشقازان ئۈچەي قاناش كېسىلى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغان ھەمدە ھاكىمىيەتنى رائول كاستىروغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە