باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى

2013.02.25 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ 23-فېۋرال خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ دېجاڭ يېقىندا تىيەنجىندە مەخسۇس ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بار ئاماللار بىلەن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  21-فېۋرال كەچتە، جاڭ دېجاڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى، بازار مۇھىتى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى، مۇلازىمەت مۇھىتى ۋە جامائەت پىكىرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ نامۇۋاپىق سېلىقىنى قەتئىي تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش لازىم. توپلىشىپ راۋاجلىنىش، تەڭكەش تەرەققىي قىلىش، كارخانا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەسپنىڭ تىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بېرىلىپ تەتقىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ئاممىۋىي مۇلازىمەت سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىۋىي تېخنىكا مۇلازىمەت سەھنىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىش كېرەك. جامائەت پىكىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتە ئەمگەكنى، يېڭىلىق يارىتىشنى، ئىقتىساسلىقلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەمگەك ئارقىلىق بىيىش شەرەپلىك، بايلىق يارىتىش شەرەپلىك دەپ ھېسابلايدىغان ياخشى جامائەت پىكىرى مۇھىتى يارىتىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى قېلىپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 这是2月22日,张德江在富通(天津)超导技术应用有限公司,视察超导技术应用实验室。

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە