- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشكە 160 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ
2013.02.22 15:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق 1 – تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش مەخسۇس مەبلەغ تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش يېقىندا باشلاندى، مەخسۇس مەبلەغ كۆلىمىنى يىلدا %20 ئاشۇرۇش تەلىپى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش مەخسۇس مەبلىغى 160 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.
بۇ يىل ئىلتىماس قىلىنىدىغان تۈرلەردە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر – سەنئەت قوللىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ يۆتكەش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تۈرى؛ مەھسۇلاتى بازارلىق، ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدىغان تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى؛ مىكرو كارخانا قۇرىدىغان ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلىش تۈرى ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارغا يۈرۈشلۈك مەھسۇلات ئىشلەپ بېرىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىگە مەدەت بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن تۈرلەر قۇرۇلۇش ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئاشمايدىغان ھەم 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتىدىغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ ئوخشاش بىر تۈر دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش مەخسۇس فوندى قاتارلىق مالىيە مەبلىغىنىڭ مەدىتىگە ئېرىشمىگەن بولسا، ئىلتىماس قىلىنىدىغان تۈر ئومۇمىي مەبلىغى 30 مىليون يۈەندىن ئاشمايدۇ. يېتىلىۋاتقان كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ تارماق شىركەتلىرى ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئالدى بىلەن مەدەت بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان 2 – تۈركۈمدىكى مەخسۇس مەبلىغى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىلەن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرى بېجىرىلمەيدۇ.
ئاپتونوم رايون بۇ يىل 1 – پەسىلدە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى يولغا قويۇش پىكرى››نى تارقىتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 2013 – يىلى كۆلەمدىن ئاشقان سانائەت كارخانىلىرىنى 100دىن ئاشۇرۇپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %17تىن ئاشۇرىدۇ؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كاپالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ كاپالەت ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مۇلازىمەت كارخانىلىرى 4000دىن ئاشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە