باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 28 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ گۆش باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەيدۇ

2013.02.22 17:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 28 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، قوي گۆشى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، كۆچمەن چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قوينى قوتاندا بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىگە ئېلىنغان 700 مىليون يۈەن بانكا قەرزىگە ئۆسۈم تولۇقلىمىسى بېرىپ، قوي گۆشى تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، گۆش باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەيدۇ.

  بۇ ئۆسۈم تولۇقلىمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2013-يىلىدىكى 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چارۋىچىلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆلەملەشكەن قوي فېرمىسى، كۆپ قوزىلايدىغان قوي نەسىللەندۈرۈش فېرمىسى، قوي باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇشنى يۆلەپ، بازارغا سېلىنىدىغان قويدىن 10 مىليوننى كۆپەيتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئوتتۇرىچە قوي گۆشىنى 10 كىلوگرامدىن ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە