باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ئالاھىدە چوڭ كىرىستال زەھەر دېلوسىنى پاش قىلدى

2013.02.21 17:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۇلانباي ھەق يىغىش پونكىتىدا زەھەر توشۇشقا دائىر ئالاھىدە چوڭ دېلونى پاش قىلغان بولۇپ، تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ جىنايىتى زەھەر توشۇش، ئىككىسىنىڭ جىنايىتى زەھەر چىكىش بولۇپ، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن 1900 گىرامدىن ئارتۇق كىرىستال زەھەر، 831 دانە كىرىستال زەھەر تابلىتى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  بۇ دېلو ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن نازارەت دەرىجىلىك نىشانلىق دېلو قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ دېلو ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە كېلىپ، 14-فېۋرال جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە زور ھەجىمدىكى زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە