24-فېۋرال، شاڭخەي ساقچىلىرى ساقچى ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ ھاۋا بوشلۇقىدىن چارلاش بىلەن يەر يۈزىدە تەكشۈرۈشنى تەڭ يولغا قويۇپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ماشىنىلارغا بوشلۇقتىن ئىسپات ئالدى، يەر يۈزىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ماشىنىلارنى توستى. مۇخبىر بۇ خەۋەرنى يوللىغان ۋاقىتقا قەدەر، تەكشۈرۈشتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا قائىدىگە خىلاپ توختىتىلغان ئۈچ ماشىنا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن جۈن فوتوسى)