باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىركىل تۈركىيەنى سىپرۇسقا پىرىستان، ئايرودۇرۇمنى ئېچىۋېتىشكە دەۋەت قىلدى

2013.02.26 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مىركىل 25-فېۋرال ئەنقەرەدە تۈركىيەنى سىپرۇستا پىرىستان، ئايرودۇرۇمنى ئېچىۋېتىشكە دەۋەت قىلدى.

  مىركىل تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەردۇئان بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە كېلىشىمىنىڭ تولۇقلىما كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشىغا مۇھتاج، ئەگەر تۈركىيە ئىجرا قىلمىسا، سىياسەت ساھەسىدىكى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىدىكى كۆپلىگەن سۆھبەتلەر توسۇلۇپ قالىدۇ. سىپرۇس مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشتىكى توسالغۇلارنىڭ بىرى.

  1974-يىلى سىپرۇستا گىرېتسىيەنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. تۈركىيە ئەسكەر چىقىرىپ بۇنىڭغا ئارىلاشتى ھەمدە سىپرۇستا شىمالىدىكى ئۈچتەن بىر قىسىم زېمىنىنى كونتۇرۇل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە