خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى
2013.02.25 17:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمى 24-چىسىلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مۇپەتتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئۆتكەن يېرىم يىللىق «مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى مۇپەتتىش قىلىش نەتىجىسى» دىن قارىغاندا، گەرچە تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسم جايلاردا يەنىلا «خاتا مەلۇم قىلىش، چۈشۈرۈپ قويۇش، ساختىلىق ئىشلىتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىپ كەلگەن. مەملىكەت بويىچە خاتا كاپالەتلەندۈرۈش نىسبىتى تەخمىنەن %4 بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە