ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا چوڭ ئالتۇن كېنى بايقالغان
بايلىق زاپىسى 148.5 توننىغا يېتىدىكەن.
2013.02.25 17:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن-بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، گېئولوگىيەلىك قىدىرىش خادىملىرى يېقىندا باياننور شەھىرى ئۇرات ئوتتۇرا خۇشۇنىدىن چوڭ بىر ئالتۇن كېنىنى بايقىغان. كاننىڭ بايلىق زاپىسى 148.5 توننا، قېزىشقا بولىدىغان زاپىسى 130.4 توننا بولۇپ، قىدىرىپ چىقىلغان بايلىق زاپىسى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە