باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رائۇل كاستىرو:كۇبا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

2013.02.26 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:كۇبا رەھبىرى رائۇل كاستىرو 24-فېۋرال كۇبا كەلگۈسى بەش يىلدا ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىساد قېلىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، دېدى. لېكىن ئۇ تاشقى ساھە ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھاتنى زور قەدەمدە بېسىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

  ئۇ شۇ كۈنى كۇبانىڭ 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇش قۇرۇلتىيىدا يېپىلىش سۆزى قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2011-يىلى 4-ئايدا ئېچىلغان كۇبا كومپارتىيەسى 6- قۇرۇلتىيىدا كۇبانىڭ ئىقتىساد قېلىپىنى تېخىمۇ يېڭىلاپ، گۈللەنگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل سوتسىيالىزم قۇرۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە مېڭىپ، تېخىمۇ ئادىل جەمئىيەت قۇرۇشى بېكىتىلدى. بۇ پىرىنسىپ كۇبانىڭ 2013-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات پىروگىراممىسىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە