- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى
2013.02.25 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:باش سېكرىتار شى جىنپىڭ 22-فېۋرال خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى مەيزىسىۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ.تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن؛ مەزكۇر رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەيزىسىۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېشكەك باشلىقلار يىغىنىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، تەشكىلاتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە