باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدىي ئەرەبىستان پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم ئايال پارلامېنت ئەزاسى بار بولدى

2013.02.20 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. سەئۇدى ئەرەبىستان كېڭەش مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ بۇ يىللىق يىغىنى 19-فېۋرال ئېچىلىپ، 30 نەپەر ئايال پارلامېنت ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان كېڭەش مەجلىسى 1993-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى.

  سەئۇدىي ئەرەبىستان دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30 نەپەر ئايال پارلامېنت ئەزاسى شۇ كۈنى 120 نەپەر ئەر خىزمەتداشلىرى بىلەن مەجلىس بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا پەيدا بولغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار شاھ ئوردىسىدا سەئۇدىي ئەرەبىستان شاھى ئابدۇللاغا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

  ئابدۇللا شاھ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى، ئايال ئالىم ۋە ئىككى نەپەر خان جەمەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 ئايالنى پارلامېنت ئەزالىقىغا تەيىنلەپ، ئومۇمىي ئەزا سانى 150 بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان كېڭەش مەجلىسىدە ئايال ئەزالارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 تىن كەم بولماسلىقىنى بەلگىلىگەن. 2011-يىلى 9-ئايدا، شاھ ئابدۇللاھ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاياللارنىڭ 2015-يىلىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەرلىك سايلامدا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئىسلام قانۇنى يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاياللارغا قارىتا نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر بار. ئاياللار ساياھەتكە چىققاندا، خىزمەت قىلغاندا ،ھەتتا بانكا ھېسابات نومۇرى ئاچقاندىمۇ چوقۇم ئائىلىسىدىكى ئەر ھامىيسى قوشۇلغان بولۇشى كېرەك. ھازىرغىچە، سەئۇدىدىكى ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە