جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 17-فېۋرال خەلق سارىيىدا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئۈمىدكە تولغان چوڭ قۇرۇقلۇق، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىشى ۋە بىرلىكتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى پائال ئىزدىشىگە مەدەت بېرىدۇ، بىزنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىشەنچىمىز كامىل، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگوغا نىسبەتەن پۇرسەت، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئافرىقىغا نىسبەتەنمۇ پۇرسەت، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەيلى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي شېرىكى بولىدۇ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى باشتىن ئاخىر ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىندىكى تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ھەمدە زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىدۇ.
زۇما مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا، ئافرىقىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولدى، ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، تەرەققىيات پىلانى، يېزا ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىق، پەن-تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.