باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دەپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ۋاز كېچەمدۇ؟

2013.02.21 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىكى ئەسلى تېما: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئويلىشىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى

  ياپونىيەدە چىقىدىغان «دىپلوماتىيە ئالىملىرى» ژۇرلىنىڭ تور بېكىتىدە تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دەپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ۋاز كېچەمدۇ؟ ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بەك مۇتەئەسسىپ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىلگىرى مەغرۇرلىنىدىغان ئىقتىسادى ۋە كۈنسېرى قۇيۇقلىشىۋاتقان بىر گەۋدىلىشىشى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىقتىسادى جانلانمىدى، بىر قىسىم كۈچلۈك ئەزا دۆلەتلەردە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىيات پەيدا بولدى. شۇڭا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئويلىشىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنىسىرەشكە باشلىدى، بۇ نورمال ئەھۋال. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە، تۈركىيە ناھەق رەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيەگە نىسبەتەن، باشقا مۇمكىنچىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

  تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2009-يىلدىكى 614 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2011-يىلى 775 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2006-يىلدىن 2011-يىلغىچە، ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرۈك ئايرودۇرۇمىنىڭ خەلقئارا يولۇچىلىرى بىر ھەسسە ئاشتى، ئالدىنقى بىر يىلدىكى يولۇچىلار مىقدارى %20 كۆپىپ، ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات 6 ئايرودۇرۇمنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۈركىيە تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ رايون ۋە دۇنيادىكى ئوبرازى ئۆستى. ياروپا رەھبەرلىرىنىڭ ھەيران قالىدىغىنى تۈركىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش قىزغىنلىقىنى ناھايىتى ئۇزاق ساقلىدى.

  ئەنقەرەدىكى تەدبىرچىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا ئويلىشىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنىڭ ئورنىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئويلىشىشى ئانچە ئاقىلانە تاللاش ئەمەس.

  تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەتلىشىش شېرىكى. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەردوئان ئۆزىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتتىنغا تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ھەمدە: ئەگەر تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن خوشلىشىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۈچلۈك، دېدى. ئۇ يەنە: تۈركىيە بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق قىممەت قاراش مەۋجۇت، دېدى.

  مەسىلە شۇكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى قۇرۇلغان تەشكىلات، يەنىلا ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش، يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى رەسمىي قائىدە تۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

  مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ قىلىۋېتىدىغىنى-تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىردىن-بىر دۆلەت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكى بېشكەك باش مىنىستىرلار يىغىنىدا، پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ ئەمەلدارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. پاكىستان بىلەن ھىندىستان 2005-يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن كۆزەتكۈچىلىك ئورنى تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئېرىشكەن سۆھبەت شېرىكىدىن ئۈستىن دەپ ھېسابلاندى. ئەگەر تۈركىيەنىڭ سەپكە قىسىلىشى ئىجازەت قىلىنسا، جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە نىسبەتەن زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتتىپاقداش بولغان پاكىستان بىلەن ھىندىستان شۈبھىسىزكى خارلىنىپ قالغاندەك ھېس قېلىدۇ.

  شۇڭا ئەردوئان غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن رازى بولمىغاچقا يۆلىنىش ئۆزگەرتىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپا ئۆزىنىڭ «كالۋا» شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بولسا تۈركىيەنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئارىلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەردوئان تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئاچا يولدا تۇرىۋاتقانلىقىدەك جۇغراپىيىۋى، سىياسىي ئورنىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى تەكىتلىدى.

  تۈركىيە ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى بىر گۈللىنىۋاتقان كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇشنىڭ پايدىسى بارلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى رەسمىي ئەزالىق ئورنىغا دەرھاللا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە