- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران: يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ يادرو ھوقۇقىمىزنى ئېتىراپ قىلسا سۆھبەتلىشىمىز
2013.02.21 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمانپاراسەت تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئىراننىڭ يادرو ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلسىلا ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى سۆھبىتىدە نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
مېھمانپاراسەت سۆھبەت مەزگىلىدە ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىش ياكى سۆزلەشمەسلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلسا، ئىراننىڭ يادرو ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلىپ، ئىرانغا بولغان ئارىلىشىش ۋە دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك. فېۋرالنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بېدىن ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن ئىدى.
ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت 26-فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە سۆھبەتلىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە