باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجىندىكى «ئۆي خوجىسى» جوۋ ۋېيئېن قولغا ئېلىندى

2013.02.20 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان «ئۆي خوجىسى » جوۋ ۋېيئېننىڭ دېلوسىدا ئىلگىرىلەش بولدى: شېنجېن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى جوۋ ۋېيئېننى پارىخورلۇق قىلىش، پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ دېلونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.

  ئۇنىڭ بىر كەنتلىك جوۋ زۇجيې تەرىپىدىن «2 مىليارت مۈلكى بار» دەپ پاش قىلغانلىقى ۋە بۇ ئىشنىڭ توردا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ ئىشنىڭ راستمۇ-يالغانلىقىغا قارىتا تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دېدى : «جوۋ ۋېيئېننىڭ سالاھىيىتى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى دېھقان، سودىگەر بولۇپ، يېقىنقى 10 يىل ئەتراپىدا ئاندىن ‹كەنت ئەمەلدارى› بولغان، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن كەنت ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ مۇدىرى ۋە مەھەللە خىزمەت پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ‹قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان مەمۇر خادىم›بولغان. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جوۋ ۋېيئېن ئىلكىدىكى ئۆي مۈلكىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۇ ‹كەنت ئەمەلدارى› بولۇشتىن بۇرۇن سېتىۋالغان، ئۇنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.»

  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، نۇرغۇن تور بەتلەردە شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونى نەنلىيەن پاي ھەمكارلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى جوۋ ۋېيئېنغا مۇناسىۋەتلىك سەلبىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان، جوۋ ۋېيئېن نەنلىيەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى . توردا ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن 7 يىل جەريانىدىكى مۈلىكىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 2 مىليارت يۈەنگە يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەتىسى جوۋ ۋېيئېن مۇخبىرغا «باشقىلار ماڭا قارا چاپلىدى» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە