باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

فېۋرالنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سودا-سانائەت كەسىپلىرىنى توردىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

2013.02.20 15:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن كېيىن ، شىنجاڭدىكى كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ، يىللىق تەكشۈرتۈش ، كارخانا نامىنى قويۇش قاتارلىق ئالتە كەسىپنى بېجىرمەكچى بولغانلار سودا-سانائەت تارماقلىرىغا بارماي تۇرۇپمۇ ، توردىلا بېجىرەلەيدىكەن . ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹تور سودا-سانائىتى ›› كەسپى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا يولغا قويۇلىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنخۇەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۆۋەتتە ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ‹‹تور سودا-سانائىتى ›› كەسپى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى ئاساسەن تاماملانغان بولۇپ ، ئاز دېگەندىمۇ 400 نەپەر كادىر بۇ كەسىپنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدىكەن . كەسىپ ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ، كىشىلەرگە ھەم تېز ھەم قولايلىق شارائىت يارىتىلغاندىن باشقا ، كەسىپ بېجىرىش تەننەرخىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە