باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك كۆلىمى ئەمدى كېڭەيتىلمەي، سۈپەت، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى

2013.02.20 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭدا ئۆزگىچە مېۋە سورتلىرىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى كېڭەيتىلمەيدىكەن، 2013-يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 100 مىليون يۈەن باغۋەنچىلىك مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىكلىك سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  18-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باغۋەنچىلىك ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسپىي ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن سۈپەت، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 100 مىليون يۈەن باغۋەنچىلىك مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، باغۋەنچىلىك بازىسىنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۈلگىلىك باغۋەنچىلىك بازىسى قۇرۇش، دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشىنى كۈچەيتىش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مېۋە سورتى يېتىلدۈرۈشنى توختىتىپ، ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىلەرنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا مايىللىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2005-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مالىيە مەبلىغىدىن 380 مىلىيون يۈەن ئاجرىتىلىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسپىي تېز تەرەققىي قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىقتىسادىي تۈۋرۈك بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، مېۋە سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، مېۋىلەرنى سېتىپ چىقىرىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە