باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى قۇملۇقتا «توغراق قەبرىستانلىقى» بايقالدى

900 يىل بۇرۇنقى قەبرە ئىكەن

2013.02.19 14:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەلىك مەدەنىي بۇيۇملار ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە مۇتەخەسىسلەر قوشۇنى 17-فېۋرال تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ خارابىسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ خارابە ھازىرقىدىن 900 يىل بۇرۇنقى قەۋرە ئىكەن.

  يېڭىدىن بايقالغان بۇ قەۋرە خارابىسى «توغراق قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، چىرا ناھىيەسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. مۇخبىر قەبرە بايقالغان نەق مەيداندا، قۇملۇق ئۈستىدە توغراق شاخلىرىنىڭ چېچىلىپ ياتقانلىقىنى، يېنىدا يەنە قۇمۇش بارلىقىنى كۆردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىنخۇا مۇنداق دېدى :« توغراق شېخى گۆرنى تىرەپ تۇرغان، قۇمۇش رامكا ياساشقا ئىشلىتىلگەن، قەبرىنىڭ يىراق ئەتراپى يۇلغۇن ۋە ئېگىزلىك بولۇپ، ئەتراپىدا توغراقلىق بار، بۇ خىل مۇھىتتىكى يەر شارائىتى قەبرە قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. بۇ قەدىمقى بوستانلىقتىكى رەسمىي قەبرىستانلىق.»

  شىنجاڭ مەدەنىي بۇيۇملار ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل نەق مەيداندىكى بىر قەبرىنى جىددىي تازىلاپ قازدى، بۇ جايدا بىر بوۋاق بالىنىڭ سۆڭىكى كۆرۈندى ھەمدە قىز بوۋاق ئىكەنلىكىگە، بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى :« يەر يۈزىدىكى تۈز سىزىق شەكىلىدە تىزىلغان جەسەت سۆكەڭلىرى ئارقىلىق، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ 12-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇشۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. تەپسىلىي يىلىنامىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يەنە ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىش ۋە DNA لىق تەكشۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە